تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بىر جۈپ ئىشچان قولىمىز بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بۈيۈك كارتىنىسىنى سىزىپ چىقايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى گۈزەل ئارزۇلار ئەمگەك ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ؛ ھاياتلىقتىكى بارلىق شانلىق نەتىجىلەر ئەمگەك ئارقىلىقلا يارىتىلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يىلىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش پەيتىدە، بۇ قېتىمقى «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە بولدى، ئەمگەكچىلەرنىڭ سىيماسى تېخىمۇ گۈزەل بولدى، ئەمگەكنىڭ قىممىتى تېخىمۇ نامايان بولدى، ئەمگەك روھى تېخىمۇ شانلىق نۇر چاچتى.

ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئاددىيلىقتىن ئۇلۇغلۇق يارىتىلىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا بىزنى ئەڭ چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغىنى دەل ئاشۇ ئەڭ ئاددىي ئەمگەكچىلەردۇر. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر كۆڭلىگە چەكسىز مۇھەببەتنى پۈكۈپ، قارشى يۆنىلىشتە سەپەرگە ئاتلىنىپ، باشتىن - ئاخىر يۇقۇمدىن ئىبارەت ئالۋاستىغا قارشى جەڭنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتتى؛ مەھەللە خىزمەتچىلىرى شىۋىرغانغا قارىماي، كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىنى ساقلىدى؛ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئىش ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئاتا قىلدى؛ تېز يەتكۈزگۈچىلەر چوڭ - كىچىك كوچىلاردا ئالدىراش يۈرۈپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر ئۈچۈن جىددىي كېرەكلىك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزدى... ھەربىر كىشى باش قەھرىمانلىق سالاپىتى، جاپالىق ئەمگىكى ۋە بەدەل تۆلىشى ئارقىلىق بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتەك پۇختا مۇداپىئە لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ياراتتى. ئۇلاردا «ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل» دېگەن داۋلى شۇنچە تەسىرلىك ئىپادىلەندى.

مەنىۋى كۈچ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇپ تۇرىدۇ، مۇھىمى جىددىي پەيتتە ئۆز نۇرىنى تۆت ئەتراپقا تېخىمۇ بەك چاچالايدۇ. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىدىكى ئەمگەكچىلەر ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش روھىنى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ھېسسىياتىنى، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان غەيرىتىنى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش پەزىلىتىنى، ئالاقىلىشىش - ھەمكارلىشىش، بىرتۇتاش پىلانلاشقا ماھىر بولۇشتەك ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئەمگەك روھىغا يېڭى دەۋرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قوشتى. بۇنداق ئەمگەك روھى بىزنى قىيىنچىلىققا يۈزلىنەلەيدىغان، بوران - چاپقۇندىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە قىلىپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدە قىممەتلىك مەنىۋى كۈچ شەكىللەندۈردى.

يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەربىر ئەمگەكچىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولۇش ئېسىل پەزىلىتىگە ئىگە بولۇپ، يۈكسەك باش قەھرىمانلىق روھى بىلەن ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئۆگىنىشىگە، كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ جەڭ قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەر ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى شەرىپىنى پۈتۈشىگە بەكمۇ موھتاج.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن جەزمەن ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ياخشى كۆزلەش كېرەك، بۇ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تۈپ تەلىپى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تېمىسىنىڭ مەناسى. يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى ئالدىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش، «كۆك - تاق»چىلىقتا كۆكتات بارمۇ - يوق، «ئاشلىق خالتىسى»دا ئاشلىق بارمۇ - يوق، «ھەميان»دا پۇل بارمۇ - يوقنى نەق مەيدانغا بېرىپ ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ئورتاق قاتناشقان كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مەنپەئەت تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئىدراكىي، تەرتىپلىك ھالدا ئىپادىلەشكە يېتەكلەپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

دەۋرنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ تارىخقا نەزەر سالساق، ئەمگەك ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ياراتقان؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ئەمگەك ئارزۇغا يېتىشنىڭ مۇستەھكەم پەلەمپىيىنى بەرپا قىلغان. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەربىر ئەمگەكچى كەم بولسا بولمايدىغان باش پېرسوناژ. ئەمگەكنى ھۆرمەتلەپ، بىلىمنى ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەپ، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق روھىغا ئىگە بولۇش» ئىرادىسىنى ساقلىغاندىلا، «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قايتۇرماسلىق» ئېتىقادىنى چىڭىتقاندىلا، «قانچە خەۋپ - خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا بېسىش» غەيرىتىنى ئۇرغۇتقاندىلا، بىز چوقۇم بىر جۈپ ئىشچان قولىمىز بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بۈيۈك كارتىنىسىنى سىزىپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى