تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ سېتىلماي قالغان باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ سېتىلماي قالغان باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ھەم ھەرقايسى چوڭ مېۋە سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بازارغا تىرەك بولۇپ سېتىۋالغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش، ئامباردا بېسىلىپ قېلىش ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى. سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ 2020 - يىلى مېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى ئامباردا بېسىلىپ قالغان مېۋە - چېۋىلەرنى ئىمكانقەدەر تېز سېتىپ بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك بازارغا تىرەك بولۇپ سېتىۋېلىش تەييارلىق خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ باغ - ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ سېتىلماي قالغان باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى تەشكىللەش، قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، ھازىر بار بولغان تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى ھەم «سېتىۋېلىشنى ئىئانە قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» «سېتىۋېلىشنى ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىلماي قالغان باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى خىراجەت ئىشلىتىپ بايراملىق پاراۋانلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالغاندا، ئومۇمىي سوممىنىڭ %20ىدىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ سېتىلماي قالغان باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاشخانا تۈرىنى موللاشتۇرۇپ ياكى مەخسۇس سېتىش رايونى تەسىس قىلىپ، كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «نامراتلارنى يۆلەش 832 سۇپىسى»دىن پايدىلىنىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ سۇپىدا باش تېمىلىق پائالىيەت مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پائالىيەت ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر، رايون مەركىزىي شەھەرلىرىدە مەخسۇس تۈر، مەخسۇس مەيدان ماركېتىڭىنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، رايون باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا، تۈرلۈك كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. تۈرلۈك سودا ئىشلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، سودا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش باشلامچى كارخانىلىرى بىلەن بولغان تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودا جەمئىيەتلىرى ۋە خەير - ساخاۋەت ئاپپاراتلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پائال سېتىۋېلىشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتە تەمىنات - سودا سىستېمىسىدىكى سودا كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى، زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىدا مەخسۇس سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ ھەم «تەمىنات - سودا e ئائىلىسى» ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ توردا سېتىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى