قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلايلى">
تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلايلى

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

− «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن

خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمگەك كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. «1 - ماي»دىن ئىبارەت بۇ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ بايرامدا، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا بايراملىق سالام يوللايمىز، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلانغان ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان كەڭ ئەمگەكچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

يۇقۇم يامان ئەلپازدا كەلدى، خىرىس مىسلىسىز بولدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى. «جىددىي پەيتتە قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ.» يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە، سانسىزلىغان ئەمگەكچىلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشتى، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان كەڭ پارتىيەلىك كادىرلاردىن تارتىپ، تولۇق قوراللىنىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلانغان تېببىي خىزمەتچىلەرگىچە، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىگىچە، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغان پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگىچە، بوران - چاپقۇندىن قورقماي، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرغان كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارغىچە، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەتتىن باش تارتمايدىغان تېز يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش شوپۇرلىرىغىچە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەر تەرەپتىكى كۈرەش قىلغۇچىلار، قۇرغۇچىلار، ئىجادكارلار ھەرقايسىسى ئۆز ئىش ئورنىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك دەۋر سەھىپىسىنى پۈتتى.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، يۇقۇم بىزنىڭ بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىمىزغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا قانچىكى دۇچ كەلگەنسېرى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆز ئالدىمىزدىكى كىرىزىس ۋە خىرىستىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز كېرەك. بىز تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

«ئىشچان بولساقلا ئالەمدە قىيىن ئىش يوق.» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، بىز ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتنىڭ نامرىتىنى، قىيىننىڭ قىيىنىنى ھەل قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، غەلىبە قىلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا، قان - تەر بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىدە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە زور بىر تۈركۈم كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى، ئۇلار ھەرقايسى سەپلەردىكى ئاددىي ئىش ئورنىدا جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاجايىپ كۈرەش نەتىجىلىرى ۋە كۈرەش ھېكايىلىرى ئارقىلىق، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دېگەن قىممەت ئىدىيەسىنى يەتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتتى. ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، بىز ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز، تېخىمۇ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، بىرىنچى سەپ دەل ئۇرۇش سېپى، نەق مەيدان بەئەينى جەڭ مەيدانى. «دىققەتنى بىرىنچى سەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي خادىملارنى قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارغا مايىللاشتۇرۇپ، «ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، «يېڭى مەزگىلدىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنىنى تاۋلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندە، ئەمگەك قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىزنى ھاسىل قىلىدۇ، سانسىزلىغان جۈپ قوللار تۇتۇشۇپ سەددىچىن سېپىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن ئەزەلدىن باش ئەگمەي، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇپ، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدىن جاسارەتلىك بولغان. مەيلى قانداق خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس بولسۇن، ھەممىسى بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى