تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ۋەندا مەيدانى قۇرۇلۇشى ئالدىراش ئېلىپ بېرىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاشنى تەكشۈرۈش، بىخەتەرلىك قالپىقى ۋە كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش... نۇرغۇن ھالقىلاردىن ئۆتۈپ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر قەشقەر شەھىرىدىكى ۋەندا مەيدانى قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىردى. 18 قېزىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، ئىشچىلار ئوچۇق رەڭلىك ئىش كىيىمى، بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىپ ئالدىراش قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى.

قەشقەر ۋەندا مەيدانى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 415 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، ۋەندا گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ماكانلاشقان تۇنجى تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر خەلقئارا كىنو شەھەرچىسى، چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن شەھەر ئوبرازى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى يەنە بىر ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، 8000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

«بۇ تۈردە 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەڭ بالدۇر ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۈرلەرنىڭ بىرى.» تۈر قۇرۇلۇشى قىلغۇچى تەرەپ شىنجاڭ جىنياڭيۈ ئۆي - زېمىن تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى شياڭجۈن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى كۆپ قېتىم كارخانىمىزغا كېلىپ ياردەم بېرىپ، بىزنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، زىياننى تولدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار.

جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇشى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ شوۋجۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشنى ماسلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا ياردەم بەرگەندىن سىرت، يەنە ئىشچى ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى. كارخانا تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت تەلىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى «لۇبەن مۇكاپاتى» ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىمارەت قۇرۇپ چىقىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

ھازىر، توپا قېزىش مەشغۇلاتىغا قاتناشقان ئىشچى 800دىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ يېرىمى ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن بولۇپ، نۇقتىدىن - نۇقتىغا توشۇش ئۇسۇلى بويىچە، ھۆددىگە ئالغان ئاپتوموبىل بىلەن بىۋاسىتە توشۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىردى، قالغان يېرىمى شۇ يەرلىك ئىشچىلار، ئۇنىڭ ئىچىدە يېقىن ئەتراپتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر قوبۇل قىلىندى. ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىشلىتىلىدىغان ئىشچى سانى 2000 ئەتراپىغا يېتىدۇ.

ۋەندا گۇرۇھى قەشقەر ۋەندا مەيدانى تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سۈن يىڭكۇي مۇنداق بىلدۈردى: ۋەندا مەيدانىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ماكانلىشىشىدا قەشقەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى رايون ئەۋزەللىكى ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى كۆزدە تۇتۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى