4-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتىدىكى پارنىكتا، ساياھەتچىلەر بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتى شەھەر ئەتراپىدا بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارنىكتا بۆلجۈرگەن تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى ۋە بۇ ئارقىلىق بۆلجۈرگەن تېرىش، ئۈزۈشنى چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.