تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ 100 نۇقتىلىق سانائەت تۈرىگە 10 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىگەن. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، 100 نۇقتىلىق سانائەت تۈرىگە 10 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت چارلاش - ئېچىشقا 7 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 100 نۇقتىلىق سانائەت تۈرى نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، بىيو تېخنىكا ۋە تېببىي دورىگەرلىك قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت ساھەلىرىنى قاپلايدىكەن.

داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلگەن. 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال شىركىتىنىڭ يىلىغا 20 مىڭ توننا تىتان ۋە تىتان قېتىشمىسى يېڭى ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش، جۇڭخې شىركىتىنىڭ يىلىغا 25 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق، يۇقىرى بېسىملىق چىرىتىش ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىش، جېڭۋېي گۇرۇھىنىڭ تۆۋەن ئوكسىگېنلىق پارقىراق مىس تاياقچىسى ۋە ئىنچىكە مىس سىم، چېنگۇاڭ بىيو تېخنىكا شىركىتىنىڭ تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن ئۇنىۋېرسال ئايرىۋېلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە ساقلاش، پىششىقلاش، سودا، يىغىش - تەقسىملەش مەركىزى قاتارلىق يەتتە تۈر سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلگەن ياكى قىسمەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن؛ شىنتې ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىچكى تورىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ توپلاشتۇرۇپ قوللىنىش، جىڭشو سىركونىي ئاساسىي يېڭى ماتېرىيال شىركىتىنىڭ يېشىل ئايلانما ھۈنەر - سەنئىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، ۋەنجيا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ تېببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خورىما ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئون تۈرىدە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ؛ گۇاڭخۇينىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە توزانلىق كۆمۈر گازىدىن 400 مىڭ توننا ئېتىلېن گىلىكول ياساش، خېڭيوۋ ئېنېرگىيەسى خىمىيە سانائىتى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 700 مىڭ توننا مېتىل ئالكوگول، يېنىك كاربون گىدرىدتىن پولىپىروپىلېن ياساش، تارىم ئېتاندىن ئېتىلېن ياساش، زىجىن سىنكچىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 100 مىڭ توننا سىنك تاۋلاش قاتارلىق 23 تۈرىدە توپا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان ۋە نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىدىغان تۈرلەردە قەرەلىدە ئىش باشلانغان. 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، شيېشىننىڭ 1 - قاراردا يىلىغا 60 مىڭ توننىلىق كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي دىئود تۈرىدىكىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇڭخۇي كانچىلىقىنىڭ پۈتۈن تەرتىپى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېشىل مىس كېنى قۇرۇلۇشىدا تېخنىكا ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىككى تۈردە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ؛ تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىنىڭ تۇرپان - قومۇل - سەنتاڭخۇ نېفىتلىكىنى چارلاش - ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە ۋېنجىساڭ زاپاس گاز ئامبىرى قۇرۇلۇشى، جياڭنا يىلىغا 5 مىليون 500 مىڭ توننا تۆۋەن دەرىجىلىك كۆمۈرنى دەرىجىگە ئايرىپ، سۈپەتكە ئايرىپ پاكىزلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چوڭقۇر پىششىقلاش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كەسپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق سەككىز تۈردە توپا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ؛ ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەش، تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز، ئېتان يىغىۋېلىش (ئېلىش) قۇرۇلۇشى قاتارلىق 23 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەر بېجىرىلىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ؛ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەيسەي بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 50 مىڭ توننا بىيو پېنتادى ئامىن ئىشلەپچىقىرىش، 40 مىڭ توننا ئۇزۇن زەنجىرلىك ئىككى ئاساسلىق كىسلاتا ۋە 20 مىڭ توننا ئۇزۇن زەنجىرلىك پولىئامىد كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تۆت تۈردە ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىش كۈتۈلۈۋېتىپتۇ.

زاپاس تەييارلاش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ. 20 زاپاس تەييارلاش تۈرىدە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقاتنى دەلىللەش، مۇمكىنچىلىك دوكلاتى تۈزۈش، رەسمىيەت بېجىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى