تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇل شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ياساش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تيەن يۈ، جاڭ يالەن، شىڭ باۋيۈ خەۋىرى، فوتوسى): ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، قومۇل شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ياساش كارخانىلىرى شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، 1-پەسىلدە سېتىش  قىممىتى 324 مىليون يۈەنگە يەتتى.

قومۇل جىنفېڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار جىددىي ھالدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماقتا.

  قومۇل جىنفېڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق كارخانىسى ____ قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور چەكلىك شىركىتى بۇ يىل ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، 1-پەسىلدە مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئۈنۈمنى «قوش ئۆستۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئومۇمىي قىممىتىنى 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشۇردى.

  قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋاڭ شياۋشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەت ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، 2020-يىلى 500 دانە ئەتراپىدا زاكاز ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەنمەكتە. 

قومۇل جىنفېڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار جىددىي ھالدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماقتا.

  كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار كارخانىلارنىڭ توشۇش، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى پائال ھەل قىلىپ، شامال ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش