تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىدۇ

   4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەھەر مەمۇرىيىتى باغ-ئورمان ئىشچىلىرى گۇاڭجوۋ خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىغا گۈل تىزماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يۈ جۈنجيې، چېن ئەيپىڭ) مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 2020-يىلى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش، باشقۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، جايلارنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت ئېھتىياجى ۋە مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلقى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش ئېلىمىز دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى ساياھەت قىسقا دەم ئېلىشى. جايلار دەم ئېلىشتىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش، ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ساغلام سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش، باشقۇرۇش ھەر تۈرلۈك خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ يولۇچىلار ئېقىمىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزى، مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايون ۋە مۇھىم تۈگۈن نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ پەيتلىك توپلىنىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش؛ ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى باغچىغا ئارىلىق ساقلاپ كىرىشكە، يۇقىرى پەللە ۋاقتىنى ئايرىپ ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەش؛ ھەق ئېلىنىدىغان مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە تاقابىل تۇرۇش، تەڭشەش سالمىقىنى كۈچەيتىشىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باھالاش؛ خەۋپ-خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇش؛ تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيلىك ئەسكەرتمىسىنى كۈچەيتىش، مەدەنىي ساياھەت قىلىش يېڭى كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت كۆتۈرە ئاپتوموبىلى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇچۇر يوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جايلاردىكى تەشۋىقات تارماقلىرى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش، باشقۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ماسلاشتۇرۇپ بەرپا قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كارخانا سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش، باشقۇرۇش ۋە «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازارلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ داۋېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى