تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى، ئىختىيارىي مۇخىبىر ۋېي جەنروڭ خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، 2020-يىلدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى —— ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئاساسىي بىناسىغا بېتون قۇيۇلدى، بۇ مەزكۇر تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا رەسمىي كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى دوختۇرخانا تۈرىگە جەمئىي 540 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن. 2021-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانغان. بۇ چاغدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان 3A دەرىجىلىك ئېغىز بوشلۇقى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى مەركىزىي شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.