تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئىش باشلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى  سېلىنمىنىڭ تۈرتكە بولۇش سالمىقى زور بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئاپتونوم رايون «قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش، زاپاس ساقلاش»تىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، 1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 14.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 21.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېماچۈەن يېڭى رايونى سۇجوۋ يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكى بىلەن شەرقىي 2 - ئايلانما يولىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا بېدە يوپۇرمىقى شەكلىدىكى كۆۋرۈك گەۋدىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، نەق مەيداندا شەرقىي 2 - ئايلانما يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان پولات ساندۇقسىمان لىم ئېسىپ قۇراشتۇرۇلدى. پىلان بويىچە، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ قۇرۇلۇشنى شەرقىي 2 - ئايلانما يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

تۈر قۇرۇلۇشى قىلغۇچى تەرەپ تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك كۆۋرۈكنىڭ ئالدىن ياسالغان لىمىنى قۇيۇش ۋە پولات ساندۇقسىمان لىمنى كەپشەرلەش ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىگە كىردى. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، خېماچۈەن يېڭى رايونىنىڭ يول تورى ئاساسىي گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىپ، تەۋەلىك رايوننىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ.

بۈگۈنكى تۈر دەل ئەتىكى تەرەققىيات. 1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈر 2000غا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.4 ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەر (جەمئىي 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان تۈرلەر)گە ئەمەلىي ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 15 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۇتۇش، ئىش باشلاشنى تۇتۇش، ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەرنى تۇتۇش، قۇرۇلۇشنى تۇتۇش، مەبلەغ غەملەشنى تۇتۇش، كاپالەتلەندۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىكى خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى قاتارلىق مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىش بىلەن بىللە، 300 مىليارد يۈەنلىك مەخسۇس قەرز پۇل مەبلەغ كۆلچىكىنى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاپ، دۆلەت ئىچىدىكى A دەرىجىلىك تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتىدىن توققۇزنى كىرگۈزۈپ، ئەقلىي كۈچ ئاپپاراتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىكى، تېخنىكا تەركىبى ۋە مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇل ئەسلىھە كەسپى سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، 2018 - يىلىدىن بۇيانقى مەنپىي ئېشىشتا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ كەسىپ سېلىنمىسىنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 1 - پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - كەسىپ سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ 2 - كەسىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ 3 - كەسىپ سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

«تۈرنى تۇتقانلىق ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرغانلىق، پۇرسەتنى تۇتقانلىق، كەلگۈسىنى پىلانلىغانلىق.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى رېن مۇنداق دېدى: نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «مۇھىم تۇتقا» بولۇش سۈپىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىغا قارىتا يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم تۈرتكىلىك رولغا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىدىكى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى