شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى، چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «جىلىن 1-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ تارتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۈزۈكلۈكى يۇقىرى بىر قاتار سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى. 2015-يىلى 10-ئايدىن بۇيان، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تېلېتېخنىكىلىق سۈنئىي ھەمراھ گۇرۇپپىسى «جىلىن 1-نومۇر» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۈگۈنكى كۈندە «جىلىن1-نومۇر» 16 سۈنئىي ھەمراھتىن تەشكىللەنگەن سۈنئىي ھەمراھ گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتنى چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن).