تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ باغراش كۆلى: قومۇشلار كۆكىرىپ، پەسىل قۇشلىرى پەرۋاز قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىدە قۇشلار كۆل يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپ، قومۇشلار كۆكىرىش مەزگىلىگە كىردى، 600 مىڭ مو سۇلۇق يەردىكى قومۇشلۇق پەسىل قۇشلىرىنىڭ ماكانلىشىپ كۆپىيىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايىغا ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ باغراش كۆلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، ئاق قۇ، ياۋا غاز، ئۇقار قاتارلىق 120 خىلدىن ئارتۇق قۇش تۈرى بار ئىكەن، ھەر يىلى باھاردا ئۇلار گۈزەل باغراش كۆلىگە كېلىپ ماكانلىشىپ كۆپىيىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى