تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەنشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېتىشىۋېلىش، ھالقىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەنشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېتىشىۋېلىش، ھالقىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شى جىنپىڭ ئەنكاڭ شەھىرى پىڭلى ناھىيەسى لاۋشيەن بازىرىنىڭ جياڭجياپىڭ كەنتىدىكى نۈۋا فېڭخۇاڭ چايچىلىق زامانىۋى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىدا چايچى دېھقانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شى جىنپىڭ شىئەن داتاڭ كېچە بولماس شەھەر پىيادىلەر كوچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ساياھەتچىلەرگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، شەنشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېتىشىۋېلىش، ھالقىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

4 - ئايدىكى سەنچىن تۇپرىقىنىڭ ھەممە يېرى باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ خېپىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ليۇ گوجۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭلو، ئەنكاڭ، شىئەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، نامرات تاغلىق رايون، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

چىنلىڭ تاغ تىزمىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىنلىڭنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىئەن تەۋەسى ئىچىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچا مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى. 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭلو شەھىرى جاشۈي ناھىيەسىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن چىنلىڭ تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى نيۇبېيلياڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا كېلىپ، لىڭنيۇگۇ جىلغىسىغا پىيادە كىرىپ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ يەرنى «كىشىلەر تېخى بىلمەيدىغان تەبىئىي ئوكسىگېنخانا ئىكەن» دەپ تەرىپلىدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىر كېلىدىغان يۆلياڭياغا چىقىپ، چىنلىڭ تېغىنىڭ نيۇبېيلياڭ ئاساسىي چوققىسىغا يىراقتىن نەزەر سالدى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چىنلىڭنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچا مەسىلىسىدىن ساۋاق ئېلىش، ئېكولوگىيەنى ئاسراشنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىنلىڭ جەنۇب بىلەن شىمال قوشۇلغان، جاھانغا نەپ يەتكۈزىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ مەركىزىي سۇ مۇنارى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجداد تومۇرى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم سىمۋولى. چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى ئاسراش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. شەنشى چىنلىڭدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچا مەسىلىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئاچچىق ساۋاقنى ئەسكە ئېلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، پارتىيەگە، تارىخقا، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن قەلب بىلەن، چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، چىنلىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى، قەتئىي كونا يولدا ماڭماسلىقى، قەتئىي تارىختا يامان ئاتاق قالدۇرماسلىقى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا كۆڭلىدە سان بولۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، نېمىنى تەكىتلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، نېمىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئىتى ئىكەنلىكى، نېمىنىڭ ئەڭ قەتئىي قوغداشقا تېگىشلىك مەيدان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، پەقەت شوئاردىلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ.

مۇھاپىزەت رايونىدىن ئايرىلىپ، تىك تاغ يولىنى بويلاپ، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جاشۈي ناھىيەسى شياۋلىڭ بازىرىنىڭ جىنمى كەنتىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. جىنمى كەنتى چىنلىڭنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى ئىنتايىن نامرات كەنت ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مور، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشقا ئاشتى. شى جىنپىڭ پىيادە مېڭىپ كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت تەربىيەلەش مەركىزى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇتاش كەتكەن مور پارنىكىغا كىرىپ، مور سورتى ۋە ئۆستۈرۈش تەرتىپىنى ئىگىلىدى، مورنىڭ باھاسى، سېتىلىش يولى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى قاتارلىقلارنى سورىدى، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە مورنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرغانلىقىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، قىيىن نۇقتىسى سىجىل مۇقىم قىلىش. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. كېيىنكى قەدەمدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەنكاڭ شەھىرى چىنبا تاغلىق رايونىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان. 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئەنكاڭ شەھىرى پىڭلى ناھىيەسى لاۋشيەن بازىرىنىڭ جىنپىڭ مەھەللىسىگە كەلدى. جىنپىڭ مەھەللىسى جەمئىي 1346 ئائىلىلىك 4173 نامرات ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆچۈرگەنىدى. شى جىنپىڭ مەھەللىدىكى ئېلېكتىرون پىششىقلاش زاۋۇتى، مويلۇق ئويۇنچۇق زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك شىركىتىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمە زالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ «تاغدا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، تاغ باغرىدا مەھەللە قۇرۇش، مەھەللىدە زاۋۇت قۇرۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، دۆلەت ئىچى بازىرىنى پائال كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بازاردىكى ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بەس - بەستە كوچىغا چىقىپ، يۇقىرى ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا بەخت - سائادەت، ئامانلىق تىلىدى!

كۆچۈرۈلگەن ئاھالە ۋاڭ شيەنپىڭنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ بىر ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى. ۋاڭ شيەنپىڭ باش شۇجىغا ئىلگىرى تاغ ئىچىدە ئولتۇرىدىغىنى كېسەك ئۆي، ماڭىدىغىنى تاغ يولى بولۇپ، نېمىلا قىلسا قولايسىز ئىكەنلىكىنى، مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۈچ ياتاق، ئىككى مېھمانخانىلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، يەنە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغانلىقىنى، ئىلگىرى چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشقا جايغا كۆچۈرۈش بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاي كىشىلىرىنى ياخشى باقالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نامرات ئاممىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم يولى. كۆچۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، داۋاملىق يۆلەشتە ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش. خۇشال - خۇرام ئىشلىگەندىلا خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرالايدىغان، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشىغا، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئامما ھەر تەرەپتىن كەلگەن بولۇپ، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ناھايىتى مۇھىم. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ لاۋشيەن بازارلىق شىپاخانىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش كاپالىتى خىزمىتىنى ئىگىلىدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان كەڭ تېببىي خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، يېزا، مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلاملارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دائىملاشتۇرۇش كېرەك.

بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدىن 6 - يىللىقىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئوقۇش باشلىغانىدى. شى جىنپىڭ دەرسخانىغا كىرگەندە، بالىلار تەڭلا شى بوۋىسىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر - يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مائارىپ بايلىقى پەرقىنى كىچىكلىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. شى جىنپىڭ ئارقىدىن مەكتەپ ئاشخانىسىغا كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقى ۋە ئوقۇش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارغا مەكتەپتىكى نۇقتىلىق سورۇنلارنى دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇشنى، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىخەتەر مۇھىت بىلەن تەمىنلەشنى تاپىلىدى.

لاۋشيەن بازىرىنىڭ جياڭجياپىڭ كەنتىگە جايلاشقان نۈۋا فېڭخۇاڭ چايچىلىق زامانىۋى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى جياڭسۇ - شەنشى نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق تۈرىگە تەۋە بولۇپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + باشلامچى كارخانا + نامرات ئاھالە» ئەندىزىسى ئارقىلىق، 100دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە سىم - سىم باھار يامغۇرى يېغىۋاتقان بولۇپ، بۇلۇتلۇق تۇمانلار ئەگىپ يۈرەتتى. شى جىنپىڭ پەلەمپەيدىن چىقىپ، چايزارلىققا كىرىپ، يول بويى ئەتىيازدىكى چايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، چايچى دېھقانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، چاي ھوسۇلى، باھاسى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەرنى ئوبوروت قىلىش، پايدا تەقسىماتىغا قاتنىشىش، ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەملەر يېشىل تاغلارغا يۈز كېلەلىسە، يېشىل تاغلارمۇ جەزمەن ئادەملەرگە يۈز كېلەلەيدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق. يۇرتداشلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، چاي ئارقىلىق بېيىپ، چاي ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شى جىنپىڭ شىئەندە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت ئايلىنىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى. شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال رايونىدىكى تەسىر كۈچكە ئىگە ياسىمىچىلىق كارخانىسى. شى جىنپىڭ مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشتا تارىخىي يېڭى پەللە ياراتقانلىقىنى ماختىدى. ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخى ئالدىراشلىققا تولغانىدى. شى جىنپىڭ ئىچكى بېزەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سەپلىمىلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى، زور قىزىقىش بىلەن، قۇراشتۇرۇش تاماملانغان پۇقراۋى ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى كابىنكىسىغا چىقىپ، تېخنىك خادىملاردىن مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياسىمىچىلىق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى شەنشى دولقۇننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇش، تىرىشىپ دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەم غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم كۆز ئالدىدىكى كىرىزىس ۋە خىرىس ئىچىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى پەللىگە چىقىشى كېرەك.

قاتناش داشۆسىنى شىئەنگە كۆچۈرۈش مۇزېيى شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ شىڭچىڭ مەكتەپ رايونىغا جايلاشقان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، قاتناش داشۆسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «سومكىسىنى ئېسىپلا يولغا چىقىپ»، شاڭخەيدىن شىئەنگە كۆچۈپ كەلگەن. مۇزېينىڭ ئىككىنچى قەۋىتى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىدا، قاتناش داشۆسىنىڭ شىئەنگە كۆچۈشتىكى نەتىجە يارىتىش مۇساپىسى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا نامايان بولۇپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇمنى ئىنچىكە، تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى. بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا، شى جىنپىڭ شىئەنگە كۆچكەن 14 پېشقەدەم پىروفېسسور بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «شىئەنگە كۆچۈش روھى»نىڭ يادروسى ۋەتەنپەرۋەرلىك، جەۋھىرى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيە ۋە دۆلەت بىلەن، مىللەت ۋە خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش، بۇ چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى «شىئەنگە كۆچۈش روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ تارىخىي تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

كەچقۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ دايەن مۇنارىنىڭ يېنىدىكى داتاڭ كېچە بولماس شەھەر پىيادىلەر كوچىسىغا كەلدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىلگىرىكى قايناق پىيادىلەر كوچىسى بىرمەھەل چۆلدەرەپ قالغان بولۇپ، ھازىر يەنە ئاۋاتلىشىشقا باشلىغانىدى. شى جىنپىڭ پىيادىلەر كوچىسىغا كىرىپ، پىيادىلەر كوچىسىنىڭ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يول بويى ساياھەتچىلەر باش شۇجىنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا تەنتەنە قىلىشتى، شى جىنپىڭ توختىماي قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ داڭلىق شىئەن ئاشپۇزۇلىغا كىرىپ، ئاشخانا خادىملىرى ۋە تاماق يەۋاتقان خېرىدارلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك سودا ساراي، بازارنىڭ سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شەنشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىمىزغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. شەنشىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ پەيتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقنى پۇختىلاپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، 5G، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكلىرىنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئۇل خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن يول، سودا، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، مۇھىم كەسىپ ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى بازىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن، مۇلازىمىتى ئەلا خەلقئارا سودا يولىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەنشىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ئۆزىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ۋەزىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، قۇملىشىش، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىنىغا زىيادە ئارىلىشىش، ئۇنىڭدىن زىيادە پايدىلىنىشنىڭ تەبىئىيلىكى ئەسلىگە كېلىش، ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشى خەلق بەختىنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىش كېرەك. گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نىشانلاپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، قېپقالغان نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ رايون خاس كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر قىسىم پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچى كۈچلۈك بولماسلىق، بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىستىلدا پۇختا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەنئەن روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى يېتىلدۈردى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. قەتئىي بوشاشماي يەنئەن روھى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇش، روھنى تاۋلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن ئېتىقادنىڭ كۈچىنى قوبۇل قىلىش، پارتىيەۋىلىكتىكى پەرقنى تەكشۈرۈپ تېپىش، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەنشى جۇڭخۇا مىللىتى ۋە خۇاشيا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.