تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن خىزمەتتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. دۆڭگە يامىشىدىغان يولدا مېڭىش تەس، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاخىرىغا بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ، قېپقالغانلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىش ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى، قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ. ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا سىياسەت كاپالىتى، مەبلەغ مەدىتى ۋە خىزمەت كۈچى يېتەرلىك، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارمۇ مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پەقەت كىرىچنى چىڭىتىپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تامامەن قەرەلىدە تاماملىيالايمىز.

نامراتلارنى يۆلەشتە تۈپتىن يۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، «قان بېرىش» تېخىمۇ مۇھىمى «قان ئىشلەش» كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، شۇنداقلا نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە قارىتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يولۇققان كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى قوزغىتىش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىشنىڭ ئاچقۇچى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايون خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس مەھسۇلات يارىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئۆستۈرۈشتۇر. كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقە تورىدا سېتىش يولى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش، قىيىن يېرى سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، بايلىق مەنبەسى. نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشتا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساس. 2019 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 27 مىليون 290 مىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، بۇ ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن كېلىدۇ. يۇقۇمنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، كىرىمى ئازايدى. نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى تېزدىن ئېچىپ، ئىش ئورنىغا قايتىشىغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەمچىلىك قىلىشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالدىن قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، مۇقىم تۇرالايدىغان، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پەقەت قولىدا ئىش بولسا، كىرىم قىلىپ تۇرسا، نامرات ئاممىدا ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى پەيدا بولىدۇ، بېيىشقا ئاتلىنىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، ھەم بىرلا كۈچەپ ئىستىھكامنى ئېلىپ، ھەم كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نەتىجىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ سىناقتىن ئۆتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەزمەن شۇنى كۆرۈش كېرەككى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە ئاھالە ئىچىدە، بەزىلىرىنىڭ كەسىپ ئاساسى بىرقەدەر ئاجىز، بەزىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئانچە مۇقىم ئەمەس، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللىنىش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، چېكىنىپ چىقىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك. نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى