تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

      يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: قەشقەر شەھىرى سەمەن يېزىسىنىڭ تىكەنبېشى كەنتىدە، چېن چۈەنگو ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە سىدىق ھېيتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كېسەل كۆرسىتىش، ئوقۇش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق بىر باشلامچى كارخانىسىغا كېلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، مائاش كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، «باشلامچى كارخانا + بازا + دېھقانلار» ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

قەشقەر شەھىرىدىكى تۈمەن دەرياسى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئىلگىرى مۇھىتى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بولۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ، دەريا - كۆل سۈيى سۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى. چېن چۈەنگو نەق مەيداندا تۈمەن دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە سۇلۇق يەر، كۆل ياقىسى بەلبېغىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، قوغداش، تۈزەش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنى ئىلمىي سەپلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلاردىن ياخشى ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كېرەك.

قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسىنىڭ تىكەنبېشى كەنتىدە، چېن چۈەنگو ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە سىدىق ھېيتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كېسەل كۆرسىتىش، ئوقۇش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇنى داۋاملىق تىرىشىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، سىجىل كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ياساش كارخانىسىغا كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا ئىسلاھاتى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە ئۈزلۈكسىز يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كارخانىلارنىڭ 1 - سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىستىل، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زۆرۈر بولغان مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بىرلا غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سالماقنى ئاشۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.