تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بۇرچىن ناھىيەسى سەككىز جەھەتتە نەچچە ئون تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرىدىكەن، تۈرلۈك تولۇقلىما، مۇكاپات پۇلىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
ساياھەتچىلىكنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى قاتناش، كېچىلىك ئىقتىساد، مەنزىرە رايونى، مېھمانخانا، مېھمانساراي، يۇلتۇز دەرىجىلىك باھالاش، ساياھەت كوپىراتىپى، ساھە بويىچە باھالاش، يۇرتداشلار يۇرتىنى ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت سەككىز جەھەتتىن ناھىيەنىڭ كېچىلىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، ساياھەتچىلەر قاناس يۈەنشىڭ تورى(原行网)، شيېچېڭ تورىدىن (携程网) بۇرچىن ناھىيەسى مەنزىرە رايونى بېلىتىنى سېتىۋالسا، بەش يۈەنلىك كىرىش بېلىتى نەق پۇل قىزىل بولىقىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ ساياھەت كوپىراتىپلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆمەك شەكلىدە بۇرچىن ناھىيەسىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەپ، بىر كېچىدىن ئارتۇق قونسا ھەمدە بىر قېتىمدىكى ئادەم سانى 100دىن 200 گىچە بولسا، ھەر بىر ئادەمگە 100 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ كېچىلىك ئىستېمال سورۇنلىرى ساياھەتچىلەرنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئارتۇق قوبۇل قىلسا، 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى بېرىلىدۇ، كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ يەنە ساياھەتچىلىك كەسپى بويىچە ئون چوڭ ساھە ئۈلگىسى باھالاپ چىقىلىدۇ، ھەر بىر ساھە ئۆلچىمى بويىچە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
ھازىر بۇرچىن ناھىيەسى ساياھەتچىلىك تىجارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى. «بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ساياھەت كوپىراتىپىمىزغا زور مەدەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى» دېدى شىنجاڭ شۆليەنخۇا خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.