تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

5-ئايدىكى بارلىق توفېل، ئىلتىس قاتارلىق چەت ئەل ئىمتىھانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (لى يىخۈەن) مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى بۈگۈن «2020-يىلى 5-ئايدىكى چەت ئەل ئىمتىھانلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق توفېل، ئىلتىس، GRE ، GMATقاتارلىق ئىمتىھانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.

  ئالاقىدار مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە داۋاملىق ماسلىشىش ئۈچۈن، تەتقىق قىلىش ھەمدە ئالاقىدار چەت ئەل ئىمتىھانىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، 5-ئايدىكى چەت ئەل ئىمتىھانلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش قارار قىلىندى:

  1. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق توفېل ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ .

     2. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق ئىلتىس ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.

   3. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق GRE ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ .

    4. 2020-يىلى 5-ئايدىكى بارلىق GMAT ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ھەققى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي تىزىملىتىش ھېساباتىغا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ.

  5. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىنىدىغانKET ،  PET ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىمتىھانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

   6. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-، 23-، 30-كۈنلىرى ئېلىشقا بېكىتىلگەن كامبىرىچ سودا ئىشلىرى ئىنگلىز تىلى گۇۋاھنامىسىنىڭ دەسلەپكى، ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىمتىھانلىرىنى كېچىكتۈرۈلىدۇ، كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى