تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ما جۈن خەۋىرى): «بۇ ئىككى كۈن راسا چېچەكلەش مەزگىلى، سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.» 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ سانجى يېزا ئىگىلىك رايونى لاۋلۇڭخې ئۈلگە رايونىدا پارنىكتىكى شاپتۇللار چېچەكلەپ، تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى خىزمەتچى خادىملارنىڭ شاپتۇل دەرىخىنى سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇشىغا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى يېزا ئىگىلىك رايونى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، خاس باغۋەنچىلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جىغان، پىندىق ياڭىقى، ئۈزۈم، شاپتۇل قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، پىششىقلاش، سېتىش ۋە ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىغا يار-يۆلەك بولدى. ھازىر، باغچە رايونىنىڭ ھۆل ئۈزۈم، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم، جىغان، ئالقات قاتارلىق خاس باغۋەنچىلىك پەن تەتقىقات ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ 55 مو بولۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، شىنجاڭ ھەتتا غەربىي شىمال رايونىنىڭ زامانىۋى باغۋەنچىلىكىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى.