تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ 1- پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 - پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى تەھلىل قىلىنىپ، تەتقىق قىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە، باجنىڭ پىشاڭلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىم سېلىنما ئارقىلىق مۇقىم ئېشىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش، بازارنى كېڭەيتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - پەسىللىك ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى