تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىسىنى ساقلاش، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، جەزمەن كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەزمەن تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەڭ مېۋىسىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى زۆرۈر مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە پائال يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىر مەزگىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، چېگرا ئىچىدە بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن چېگرا سىرتىدا يۇقۇم ئۈزلۈكسىز يامراۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىش خەۋپى زور دەرىجىدە ئېشىشقا دۇچ كەلدى. بۇ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا، بىخۇدلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، يۇقۇمنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە ھەرگىز بولمايدۇ. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە جەزمەن يېقىندىن دىققەت قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشتا، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ پۇختا توقۇش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، ئەستايىدىل كۈتۈشى، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنى پۇختا تۇتۇپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش، باشقا كىشىلەر توپىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى خالىسىلا ھەممىسىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. باشقا رايونلار ۋۇخەندىن ئايرىلغان خادىملارنى باشقۇرۇش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش بەلگىلىمىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى بىلەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئايرىپ كۆزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى سىياسەت جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم قىلىش، ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى دەل جايىدا ياخشى تۇتۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىكتىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىغا قارىتا تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاشكارىلانغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئاجىز ھالقىلارنى مۇستەھكەملەپ، كەمتۈكلۈك، يوچۇقلارنى تولۇقلىشى كېرەك.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشتا، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى ھازىر ھەتتا خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى قۇرۇش كېرەك، ھەرقانداق يوچۇق كۆرۈلۈشكە بولمايدۇ. چېگرا سىرتىدىكى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك، چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا - كونسۇلخانىلار كونسۇل جەھەتتىن قوغداش ۋە مۇداپىئەلىنىش جەھەتتىن يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، چياۋمىنلار تەشكىلاتى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پورت، شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي قوغداپ، ياخشى ساقلاپ، داۋالاش بايلىقى ۋە قۇتقۇزۇش، داۋالاش كۈچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارانتىن قىلىش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزلىك ئايرىۋېتىلگەنلەرگە بولغان بىخەتەر مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، كۆپ خىل شەكىلدە خەلقئارا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر تۈرلۈك مۈشكۈل، ئېغىر ھەم نىسبەتەن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان خىزمەت، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردا جەزمەن تولۇق ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زەربە ئېلىپ كەلدى، پەقەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، بىخۇدلۇق قىلماي، جەڭدىن بىزار بولماي، بوشىشىپ قالماي، يۇقۇمنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىگەن، راۋاجلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە شارائىت ياراتقىلى، كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى