شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاندىن سىرت، ساياھەتچىلەر يەنە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تارىخىنى چۈشىنەلەيدۇ، گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇشلۇقىنى «قوشۇپ ئوقۇيالايدۇ»، بوغدا كۆلى بويىدا جاراڭلىق شىنجاڭ ناخشىسىنى ئاڭلىيالايدۇ. 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى، مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇردى.
«ھەر يىلى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا نەچچە قېتىم كېلىمەن، لېكىن بۇ قېتىمقى تەسىراتىم ئوخشىمايدۇ. مەدەنىيەت پائالىيىتى بىلەن گۈزەل مەنزىرە يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپتۇ، ھەم گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى، ھەم بىلىمنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، كىشىگە پۈتۈنلەي يېپيېڭى تۇيغۇ بېرىدىكەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىلىك ساياھەتچى لى مىن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشۋىق قىلىش - يېتەكلەش، پائالىيەتلەرنى پىلانلاش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، دەل جايىدىكى ماركېتىڭ قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىپ، ساياھەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرگەن، ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم قايتا ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»نى پۇرسەت دەپ بىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق نوقۇل ھالدا مەنزىرە تاماشا قىلىشنىڭ ئاللىقاچان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
«تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ساياھەتچىنى مەنزىرە رايونىغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بىز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق» دېدى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات - تەربىيە، قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ ۋېنيى.
ئىگىلىنىشىچە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى يەنە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مەنزىرە رايونىنى تەشۋىق قىلىش، ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە رايونىغا كېلىشكە جەلپ قىلغان.