تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئەسلىگە كەلتۈردى

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، جىنشاخې ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئامبىرىدا، ئىشچى كەسمە چۆپ توشۇماقتا. شىنخۇا ئاگېتنلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، جىنشاخې ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى زامانىۋى ئاقما لىنىيەنى تەكشۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلىگراممىسى (مۇخبىر خاۋ يۈ، ئاينۇر خەۋىرى) جىنشاخې ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئىچىدە، زامانىۋى ئاقما لىنىيە تەرتىپلىك ئايلانماقتا. بولاق-بولاق كەسمە چۆپ ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن، تۆمۈريول كونتېينېرىغا بېسىلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن خېبېي قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

بۇ كارخانا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتى-شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتىغا جايلاشقان. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پورت مۇداپىئە لىنىيەسىنى ياخشى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پايدىلىق شارائىت يارىتىپ كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال ياردەم بەردى.

جىنشاخې ئۇنچىلىقى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، نۆۋەتتە كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 50 توننىغا يېتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەت ئىچى زاكازلىرىنى ئىشلەپچىقاردى. «بىزنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئامبار، ئىشخانا ۋە ياتاق ئىجارە ھەققىنى كېمەيتتى ۋە كەچۈرۈم قىلدى، يەنە كارخانىلارغا داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بەردى.» دېدى كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خو پېڭۋېي.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ۋەنجيا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

يۇقۇم مەزگىلىدە، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالاتاۋ پورتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ ۋەنجيا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا. يېقىندا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بۇ كارخانىنىڭ N95 ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن بىرنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى جاڭ يۈنشيا مۇنداق دېدى: ھازىر كارخانىمىزدا بىر قېتىملىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان سەككىز چوڭلار ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى، ھازىر سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليون دانىدىن ئاشىدۇ.

بۇ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريولىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئېكسپورت قىلىشقا تەييارلانغان ماللار (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

مۇخبىر ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ھازىر باجدىن خالىي رايوندىكى كارخانىلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىشچى ئىشلىتىش ھەم ئىشچىلارنىڭ قايتىپ كېلىش نىسبىتىنىڭ نىسبەتەن مۇقىم ئىكەنلىكىنى كۆردى. كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ماللارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى، تۆمۈريول تارماقلىرى 24 سائەت مەشغۇلات قىلىپ، ئالاقىدار شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چېگرا ئىچىدىكى رايونغا كىرگۈزۈلگەن مال، ئۈسكۈنە، ماددىي ئەشيا قاتارلىقلارنى تىزىملاپ رايونغا كىرگۈزۈش رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە بېجىرىپ، مال توشۇش ۋاقتى ۋە تەننەرخىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغا قەدەر، شۇ جايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسىدىن 28ى ئىش باشلىغان؛ 240 سودا كارخانىسى ۋە 249 يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كارخانىنىڭ ھەممىسى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ 1272 يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %98.3 بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاتاۋ پورتىدىكى قۇرۇلۇش داۋاملىشىۋاتقان 26 تۈردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريولىدىن قوزغالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگراسىغا جايلاشقان، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئامباردا ساقلاش، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى %70تىن ئارتۇق جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كىرىپ ـ چىقىش كەسپىنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، 20 تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى