تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقلىرى شىنجاڭدىكى دەريا، كۆللەرنىڭ «قىل قان تومۇر»لىرىنى قوغدىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، توققۇزتارا ناھىيەسى كۆندەلەڭ بازىرى مۇخۇر كەنتىدە، پاك - پاكىز مەھەللە ئۆستىڭى قاتار - قاتار كەتكەن قىزىل ئۆگزىلىك، ئاق تاملىق ئۆيلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، سۈپسۈزۈك ئېقىن تاغ باغرىنى بويلاپ ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ تۇراتتى. «بۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى ھازىر خېلىلا پاكىز بولۇپ قالدى، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش بولدى» دېدى مۇخۇر كەنتىنىڭ كەنت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى مياۋ چىڭشەن.

2017 - يىلىنىڭ ئاخىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باشلامچىلىق بىلەن دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويدى. «ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ سىستېمىسى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش بىرنەچچە چوڭ دەريانى ياخشى باشقۇرۇشتەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ھەمراجان مۇساجان مۇنداق دېدى: «كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقلىرى دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇشتىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>نى <لىنىيە>دىن <دائىرە>گە كېڭەيتتى».

مياۋ چىڭشەن كەنت تەۋەسىدىكى دەريا بۆلىكىگە مەسئۇل بولۇپلا قالماي، پۈتۈن كەنتنىڭ سۇ ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋە كەنت دەرىجىلىك دەريا باشلىقىدىن ئىبارەت قوش سالاھىيەت ئۇنى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مياۋ چىڭشەن مۇنداق دېدى: «مەن ئۆستەڭ چارلىغان ۋاقتىمدا مەھەللە ئۆستىڭىنىڭ قىرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدە تۆشۈك بارلىقىنى بايقىدىم، ئەسلىدە بەزىلەر يەر ئاستىدىن ئۆستەڭگە تۇرۇبا ئۇلاپ، تۇرمۇش يۇندىلىرىنى ئۆستەڭگە چىقىرىۋەتكەن ئىكەن».

مياۋ چىڭشەن قول سېلىپ مۇھىتنى تۈزەشنى باشلىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن يۇندى چىقارغان كەنت ئاھالىسىگە قايتا - قايتا داۋلى سۆزلىدى، قانۇننى سۆزلىدى، تۈزۈمنى سۆزلىدى، بىر تەرەپتىن كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ يۇندى ئېغىزلىرىنى بىر - بىرلەپ ئەتتى. «ھازىر مەھەللە ئۆستىڭىدىن ئېتىزلىقلاردىكى غول، تارماق ئېقىنلارغىچە يۇندى ئېغىزلىرى يوق، كىشىلەرمۇ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ھەرخىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىق دورىسى بوتۇلكىلىرىنى يىغىۋالدۇق، بىر ھەپتىدە كەنتنىڭ سۇ مەنبەسىگە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە بېرىپ چارلايمىز.» مياۋ چىڭشەن مۇنداق دېدى: «بىر كەنت <گۈزەل جۇڭگو>نى نامايان قىلىدىغان بىر كۆزنەك».

2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، شىنجاڭ دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتى، كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقلىرى بۇ تەشكىلىي سىستېمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى. ئاپتونوم رايونلۇق دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 7300دىن ئارتۇق كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقىنى تەسىس قىلدى، ئۇلار باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئۇچىدا شىنجاڭدىكى دەريا، كۆللەرنىڭ <قىل قان تومۇر>لىرىنى قوغدىماقتا».

«كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقلىرى بىزنىڭ <كۆز>ىمىز.» 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ساۋەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى دەريا باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ياڭ شۈباۋ مۇنداق دېدى: «ئۇلار مەسئۇل رايون دائىرىسىدىكى دەريا - ئېقىنلارنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ، پۈتۈن ناھىيەدە 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق دەريا يولى بار، ئەگەر كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقلىرى بىز بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرمىسا، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش تەس بولاتتى، يېقىندا، بورتۇڭگى يېزىسى قارقىنجاغا كەنتىدە شۇ چاغدىكى كەنت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى نۇرتاي بولات دوكلات قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز دەريا بويىدا بىر قېتىملىق قانۇنسىز يول ئېچىش ۋەقەسىنى ۋاقتىدا توسۇپ قالدۇق».

ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقى خىزمىتىنى تۇتقىغا ئىگە قىلدى. «پۇقرالارنىڭ قالايمىغان ئەخلەت تۆكۈشىگە بولمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۆكىدىغان يېرى بولۇشى كېرەك، شۇڭا بىز بىرتۇتاش ئەخلەت يىغىش نۇقتىسى قۇرۇپ، ئەخلەتلەرنى قەرەللىك ھالدا تازىلاپ تىندۇرۇش مەيدانىغا توشىدۇق. ھاجەتخانا ئۆزگەرتىشنىڭمۇ تولۇقلىمىسى ۋە مۇناسىپ ئۆلچىمى بار، شۇڭا يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى ئازايتىلدى.» مياۋ چىڭشەن مۇنداق دېدى: «كەنت دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى <توسۇش> ئەمەس بەلكى باشقۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش. ئۈنۈمگە يېتىشتە، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام سىياسەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تىرەكلىك تۆھپىسىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى