تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، 1 - پەسىللىك پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېۋىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، قىلچە بوشاشماي، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تېپىپ چىقىپ، يوچۇقلارنى تولۇقلاپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۇختا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تەڭشەپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا پورتى مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، ياخشى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك؛ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زۆرۈر مۇداپىئەلىنىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك؛ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، مەركەز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان بىر يۈرۈش ماكرولۇق سىياسەتلەرنى تولۇق، ياخشى ئىشلىتىپ، سىياسەتنى توغرا نىشانلاپ تۈرنى كۆزلەپ، ھەقىقىي تۈردە بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاپ، بىر تۈركۈمنى زاپاس تەييارلاپ، بىر تۈركۈمنى پىلانلاپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك؛ ئىستېمالنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئاھالىلەر ئىستېمالىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئەمەلىي ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، توردىكى يېڭى تىپتىكى ئىستېمالنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي بۇيۇم ئىستېمالى ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ تولۇقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، توردا ئالاقىلىشىش، سودىلىشىش، سودا توختامى ئىمزالاش قاتارلىق شەكىللەردىن ياخشى پايدىلىنىپ سودا ئىشلىرى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تاشقى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك؛ سالماقنى زورايتىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى ئوبوروت قىلىشقا تەشكىللەش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم ئامىلنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا - تىجارەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر خىل بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغاش كېرەك؛ مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، «غورىگىل كۈن كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈردىكى زايومىنى ياخشى ئىشلىتىپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان - ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىلەرنى قاتتىق، ئەمەلىي تۈزىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە نازارەت قىلىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدىكى ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.