تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش»بېسىپ تارقاتتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشكە ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى خەلقنى كۆزلەش، خەلقنى سۆيۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى سەپتىكى شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆيۈنۈش، ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسەت تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋە تەمىنات كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن دەم ئالدۇرۇش، تولۇقلاپ دەم ئالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شەھەر - يېزا مەھەللە(كەنت) خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋاقتىدا زۆرۈر دەم ئېلىشى، تەرتىپكە سېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مۇۋاپىق ھالدا خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى مەھەللە(كەنت) خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە مەھەللە (كەنت) خىزمەتچىلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىرىنى دادىل تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقان پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى ۋاقتىدا پارتىيەگە قوبۇل قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنغان ياكى پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان، ئىپادىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغانلىرىنى ۋاقتىدا كاندىدات پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، شەھەر - يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتىن ئىبارەت مەھەللە مۇداپىئە سېپىنى چىڭ ساقلاش، پۇختا ساقلاشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى