تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«ئالقانچىلىك يەر» «كىرىمنى ئاشۇرۇش باغچىسى»غا ئايلاندى

خوتەندىكى 410 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان ھويلا - ئارانى ئارقىلىق ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنى 1000يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ياۋېن خەۋەر قىلىدۇ: ئۆز ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى كىچىك ئەگمە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ياپيېشىل سۇلۇق لوبو مايسىسىغا قاراپ، خەيرىنسا ئەخمەتتوختىنىڭ قەلبى شادلىققا تولدى، «بۇلتۇر، كىچىك ئەگمە پارنىكتىنلا كىرىمىمنى 1200 يۈەن ئاشۇردۇم، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسى بازار بويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەيرىنسا.

خوتەن ۋىلايىتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيدۇ، ئىلگىرى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئاراندىن پايدىلىنىش نىسبىتى %30كە يەتمەيتتى. نامرات ئاممىغا كىرىمنى ئاشۇرۇش يېڭى يولى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، 2017 - يىلىدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتى ھويلا - ئاراننىڭ ئىچى - سىرتى، ئۆينىڭ ئالدى - كەينى، تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى «ئالقانچىلىك يەر»دىن پايدىلىنىپ، «كىچىك ئەگمە پارنىك، كىچىك چارۋا» قاتارلىق ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«يەنە ئون كۈنلەردە سۇلۇق لوبو بازارغا سېلىنىدۇ، ئارقىدىنلا لازا تېرىيمەن، بىر يىلدا ئۈچ - تۆت قېتىم تېرىغىلى بولىدۇ، ئۆزۈم يەپ بولالمىغان كۆكتاتلارنى سېتىپ يەنە پۇل قىلالايمەن.» بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزگىرىشلەرنى خەيرىنسا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «دېھقانچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە دېھقانچىلىق قىلىش، باقمىچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە باقمىچىلىق قىلىش، پىششىقلاشقا ماس كەلسە پىششىقلاش، سودا قىلىشقا ماس كەلسە سودا قىلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ھويلا - ئاران ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى پىلانلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. يەرلىك «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» پىكىر يولىغا ئاساسەن، ھەرقايسى كەنتلەرنى لازا، سۇلۇق لوبو، قوغۇن - تاۋۇز، چيۇكۈي قاتارلىق ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشقا يېتەكلەپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

«بۈگۈنكى كۈندە، يېزىمىزدا <كىچىك كۆلەم، چوڭ توپ، كىچىك مەھسۇلات، چوڭ كەسىپ>تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ھەربىر كەنتتىكى دېھقانلار ھويلا - ئارانلىرىنىڭ ئۆز خاسلىقى بار بولدى، ھەربىر كەنتنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئۆستۈرىدىغان كۆكتات سورتى بار بولۇپ، ياخشى خاراكتېرلىك ئايلانما تەرەققىيات شەكىللەندى» دېدى ئۇرچى يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى غەيرەت جۈمەخۇن.

كىچىك ھويلا - ئاران كىرىمنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش بىلەن تۇتاشتى. خوتەن ۋىلايىتىدە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمى يەنىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.

خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى يۇڭئەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھىمىت ئىمامنىياز خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشكەن نۇرغۇن كىشىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئاران پىلانلىنىشى مۇۋاپىق بولمىغاچقا، ھويلىسىدىكى يەر بىكار تۇرغان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ ياردىمىدە، ئۇ ھويلىسىدا توخۇ بېقىشقا باشلىغان. «30 نەچچە توخۇ باقتىم، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە تۇخۇم سېتىپلا 750 يۈەن كىرىم قىلدىم» دېدى ھىمىت خۇشال ھالدا.

ھازىرغىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 410 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، ئۆينىڭ ئالدى - كەينىدىكى 200 مىڭ مو يەرنى تازىلاپ رەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن، بىر مەھەل ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان ئۆينىڭ ئالدى - كەينىدىكى «ئالقانچىلىك يەر» «كىرىمنى ئاشۇرۇش باغچىسى»غا ئايلاندى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز <بىر كەنتتە بىر كەسىپ بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر ھويلا - ئاران بولۇش> نىشانىنى چۆرىدەپ، 2020 - يىلى ھويلا - ئارانلارغا 100 مىڭ مو كۆكتات تېرىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.» خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى لى فۇخوۋ مۇنداق دېدى: «بىز ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ھەربىر ھويلا - ئاراندىن يىلدا 1000 يۈەندىن كىرىم قىلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى