تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ تۆمۈريولى ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەخسۇس پويىزىنى يولغا سېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە قايتىشىغا ياردەم بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرى شۈ تاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 22 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، 670 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 6725/K6728 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ قەشقەر ۋوگزالىدىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتى، يول بويى يەنە ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن بۇ قېتىملىق مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتىپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، بۇ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىلى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئۈچۈن يولغا سالغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پويىزى بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

يېقىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئالدىنقى مەزگىلدە تۇنجى قېتىملىق خوتەندىن كۈيتۈنگە قاتنايدىغان 6725/K6728 قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پويىزىدا مەكتەپكە قايتقان 1324 ئوقۇغۇچىنى توشۇدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ۋاقتىدا، بىخەتەر قايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، توشۇش كۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى. ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەخسۇس پويىزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پويىزغا چىقىش نۇقتىسى يول بويىدىكى ئون نەچچە ۋوگزالغا تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسى يولۇچىلار ۋوگزاللىرى مەخسۇس پويىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس ئالاقىلەشكۈچى، مەخسۇس كۆزنەكتە بېلەت ئېلىش، مەخسۇس يولدا مېڭىش، مەخسۇس رايوندا پويىز كۈتۈش، مەخسۇس ئادەم يېتەكلەش قاتارلىق «بەش مەخسۇس مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋوگزالغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋوگزالنى دېزىنفېكسىيەلەشنى ياخشى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەرتىپلىك پويىزغا چىقىشقا تەشكىللىدى.

پويىز يۈرۈۋاتقاندا، پويىز خادىملىرى ھەر ئىككى سائەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پويىزنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

«ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە قايتقىنىمىزدىن مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم ناھايىتى خۇشال بولدۇق، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، مەن ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىتنى <تولۇقلاپ> قايتۇرۇپ كېلىمەن» دېدى ئوقۇغۇچى يۇلتۇز ئابدۇرېھىم.

4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولى يەنە خوتەندىن غۇلجىغا قاتنايدىغان ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەخسۇس پويىزىنى داۋاملىق يولغا سېلىپ، ئىلى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى