تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ خەۋىرى): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، سۇپا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن سېتىش يوللىرىنى ئاچتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا باغۋەنلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى ئاچقۇچى بولۇپ قالدى.
ئوبوروت سېستىمىسىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن، سەرپىيات يۇقىرى، ماركىسى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقسۇ شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىدا، «ئالاقە تورى+ئېلېكتىرونلۇق سودا+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ۋىلايەتنىڭ خاس يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىپ، سېتىش ئەندىزىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغۋەنلەرنى باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.