تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش جەريانىدا ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

لى پېڭشىن شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش جەريانىدا ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش جەريانىدا مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنى قەتئىي ياخشى قوغداپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك، نۇقسانسىز بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسىي مەكتەپ رايونىدا، لى پېڭشىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش رايونىغا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئارقا سەپ كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ مەكتەپنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ئىككى مەكتەپ رايونىدىكى دەرسخانا، ياتاق، تەجرىبىخانا قاتارلىق ئوقۇتۇش، تۇرمۇش رايونلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە، لى پېڭشىن رېپېتىتسىيە زالى، كۆپ ئىقتىدارلىق دەرسخانا، ئاڭلىتىش تەجرىبىخانىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، دەرس ئۆتۈش ئەھۋالى ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەلىپى بويىچە، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپكە قايتىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشىكنى چىڭ ساقلاپ، ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى «تۇنجى مۇداپىئە سېپى»نى مۇستەھكەملەش كېرەك. دەرسخانا، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىق ئادەم زىچ توپلىشىدىغان رايونلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىق لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنىڭ كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭىشىگە، ھەرىكەتنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىش لايىھەسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىسسېرتاتسىيەسى ياقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش پىلانىنى ۋاقتىدا ئورۇنداش ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتكۈزۈشى، بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى، ۋەزىپە ئېنىق بولۇش، تەدبىرلەر جايىدا بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى