تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە 57 يۇقىرى سۈپەتلىك ئولتۇراق رايون سەيلە باغچىسى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدۇ


  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبرىمىز فېي شۇەن خەۋىرى): ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 57 يۇقىرى سۈپەتلىك ئولتۇراق رايون سەيلە باغچىسىنى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ بىلەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەيلە-ساياھەت قىلىدىغان يېرى يەنە كۆپىيىدۇ.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى(شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ھازىر 57 ئولتۇراق رايوننىڭ سەيلە باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لەر پىلان لايىھەسى تۈزۈش ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەندىن كېيىن، مۇۋاپىق پەيتتە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

  ئولتۇراق رايون سەيلە باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.

  پىلانغا ئاساسەن، بۇ يىل يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان 57 ئولتۇراق رايون سەيلە باغچىسى تۈرى ئىچىدە، سايباغ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ۋە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ھەر قايسىسىدا 10دىن، تىيانشان رايونى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسىسىدا يەتتىدىن، شىمىگۇ رايونى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىنىڭ ھەرقايسسىدا ئالتىدىن، داۋانچىڭ رايونىدا بىرى بار ئىكەن.

  تۇرالغۇ رايون سەيلە باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.

  بۇ قېتىم يېڭىدىن ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدىغان 57 ئولتۇراق رايون سەيلە باغچىسى ئېكولوگىيە خاراكتېرلىك، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ۋە مەدەنىيەت يېتەكچىلىكى، خاسلىقى گەۋدىلىك بولۇش ئىدىيەسى بويىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خاسلىقى روشەن، فۇنكىسىيەسى مۇكەممەل، جايلىشىشى مۇۋاپىق بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى سەيلە باغچىسى قىلىنىدىكەن.

  «ئاساسلىقى كۆكەرتىش شارائىتى نىسبەتەن ئاجىز، كۆكەرتىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل بولمىغان، ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان كونا ئولتۇراق رايون، قورۇلارنى رېمونت قىلىش ۋە يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى تولۇقلاپ تىكىش ئارقىلىق، ئىشكتىن چىقىپلا مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى(شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) باغ-ئورمان باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

ئولتۇراق رايون سەيلە باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «300 مېتىردا بىر يېشىللىقنى كۆرۈش، 500 مېتىردا بىر باغچە كۆرۈش» سەيلە باغچىسى بەرپا قىلىش ئۆلچىمى بويىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى كوچا بويىغا، كوچا يوللىرىدىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان بوشلۇق، بوش يەر قاتارلىق جايلارغا كىچىك سەيلىگاھلارنى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، شەھەردىكى يېشىللىقىنى كۆپەيتىپ، شەھەر رايونىدىكى يېشىللىقنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قىلىشنى پىلانلىغان.

ئولتۇراق رايون سەيلە باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى باغچە، يول، ھويلا-ئارانلارنى كۆكەرتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك سەيلىگاھ ۋە كوچا بويىدىكى يېشىللىقتىن 1091نى، كىچىك سۇ مەنزىرە كۆلچىكىدىن 83نى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ ياساپ، «دېرىزىنى ئېچىپلا مەنزىرىنى كۆرۈش، ئىشىكتىن چىقىپلا يېشىللىقنى كۆرۈش»نى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرغان.

  (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش