خەلق تورى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (سۈن جىڭ) مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى بۈگۈن «2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى قىسمەن ئىمتىھانلارنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار دېيىلدى، دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئىمتىھان خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىش سەۋىيە ئىمتىھانى، مەملىكەتلىك داشۆ ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئېغىز تىلى ئىمتىھانى قاتارلىق ئالتە ئىمتىھان تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.
2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا بېكىتىلگەن ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە:
1. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئېلىنىدىغان مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى (PETS) ؛
2. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئېلىنىدىغان مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىش سەۋىيە ئىمتىھانى (NIT) ؛
3. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئېلىنىدىغان مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى (NCRE) ؛
4. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئېلىنىدىغان مەملىكەتلىك چەت ئەل تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى (WSK) ؛
5. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىنىدىغان ھۆسىنخەت ۋە رەسىم دەرىجە ئىمتىھانى (CCPT) ؛
6. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىنىدىغان مەملىكەتلىك داشۆ ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئېغىز تىلى ئىمتىھانى(CET-SET).
بۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەتلىك داشۆ ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە يېزىقچە ئىمتىھانى (CET)نىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئەھۋالغا قاراپ ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن. PETS ۋە NCRE ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ھەققى پۈتۈنلەي قايتۇرۇلىدىكەن، كونكرېت ئەھۋالنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش تور بېكىتىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىش ئارقىلىق ئۇقسا بولىدىكەن.