تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقسۇ شەھىرى: يېڭىچە چاڭلاشتۇرۇش ئۇسۇلى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ جىيۈەن خەۋىرى): ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئالما دەرىخىنىڭ مېۋە تۇتۇش نىسبىتى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى يۇقارقى بالداڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تېخنىكلىرىنى نەق مەيداندا باغۋەنلەرگە ئالما دەرىخىنى چاڭلاشتۇرۇش يېڭى ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  ھازىر، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى يۇقارقى بالداڭ كەنتىدىكى 2350 مو ئالما دەرىخى چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى، كەنت ئاھالىسى روزى ياسىننىڭ 20 مو يەردە ئالما دەرىخى بار، يېقىنقى مەزگىلدىكى ھاۋا رايى سەۋەبىدىن، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاڭلاشتۇرۇش ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ، چېچەك ۋە مېۋىلەر تۆكۈلۈپ كەتتى، تېخنىكلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىگە قارىتا چاڭ ئۇرۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، پۇركۈش ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  ئىگىلىنىشىچە، چاڭ ئۇرۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ چاڭلاشتۇرۇش، پۈركۈپ چاڭلاشتۇرۇش يېڭى ئۇسۇلى سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى سۇيۇق ھالەتتە چاڭ ئۇرۇقىدا چاڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق بەلگىلىك نىسبەتتە پۈركۈپ چاڭلاشتۇرۇشنى تەڭشەپ ئېلىپ بېرىپ، ئەمگەك كۈچى بىلەن چاڭلاشتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتقان، شۇنداقلا يۇقىرى، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە قۇم-بوران، يامغۇرلۇق ھاۋا رايى پەيدا قىلغان ناچار تەسىرلەرنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، مېۋىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، مېۋىلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى