تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جۇاڭ شياۋپو خەۋىرى): 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پوچتا شۆبە شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چىغان جىگدە يېزىسى سەكرەش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئاراي قۇمارقان كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئېرلان توپاقاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى، ئېرلان توپاقان مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن.» ئاراي قۇمارقان ئېرلان توپاقانغا ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە كۆكتات تېرىپ، توخۇ باقسا، خىزمەت ئەترىتى چۈجە، كۆكتات مايسىسى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ھەر ئايدا بىز تەلەپ بويىچە نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىمىز.» دېدى ئاراي قۇمارقان.
نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى قاراتمىلىق ھەل قىلىپ، «تېگى-تەكتىنى ئېنىق بىلىش، يۆنىلىشى ئېنىق بولۇش، تەدبىرى ئەمەلىي بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ بەخىت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى رەھبەرلىك بەنزىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، نامرات ئائىلىلەر بىلەن يۈز تۇرا ئۇچرىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نوپۇسى، سالامەتلىكى، دورا ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئائىلىدىكى ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.