تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان 4536 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى

بۇ يىل 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان 4536 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ

جىڭ ناھىيەسى شياتيەنجى سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى (4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تارتىلغان). بۇ قۇرۇلۇش ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، جەمئىي 724 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، پۈتكەندىن كېيىن سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 28 مىليون 750 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، جىڭ ناھىيەسىدىكى 435 مىڭ مو ئېتىزنىڭ سۇغىرىش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ.

(ليۇ شىنجيا فوتوسى)​

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر جەمئىي 4536، 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى جەمئىي 2188 ئىكەن. 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2542 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلانغان بولۇپ، ئىش باشلاش نىسبىتى% 56 بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون 390 نۇقتىلىق تۈرنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 678 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، 260 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە: داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 190 بولۇپ، جەمئىي 792 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، 2020 - يىلى 221 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان؛ يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر 80 بولۇپ، جەمئىي 134 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، 2020 - يىلى 38 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان؛ زاپاس تۈر 120 بولۇپ، جەمئىي 752 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلەنگەن.

3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، نىيە ناھىيەسى نىيە سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان تاشيول تۈرى، يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان گولمۇدتىن كورلىغىچە بولغان تۆمۈريول (شىنجاڭ بۆلىكى) تۈرى، كېرىيە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ 190 داۋاملاشما قۇرۇلۇش نۇقتىلىق تۈرىدە ئىش، قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100 بولدى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان 80 نۇقتىلىق تۈرى ئىچىدە، تىزناپ دەرياسى مومۇق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، فېڭچېڭ سۇ ئامبىرىدىن سەنپىڭ سۇ ئامبىرىغىچە بولغان سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى، G314 لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇ تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكى تاشيول تۈرى، ئاقسۇ مائارىپ شۆيۈەنىنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش تۈرى، ئۈرۈمچى شەھىرى لياڭخې يولى شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەردە يېڭىدىن ئىش، قۇرۇلۇش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى رېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلقى تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى: بىرىنچى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئىككىنچى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەر مۇقىم ئاشتى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئىش باشلاش نىسبىتى %50تىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر جەمئىي 435، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر جەمئىي 423، خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر جەمئىي 391.

لى رېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ يىل سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلەردە ئىشنى، قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، كېلىپ چىققان زىياننى تولۇقلىۋېلىش.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، خەرىتە ئېسىپ جەڭ قىلىپ، كەسىپلەرگە ئايرىپ، ساھەلەرگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ساقلىنىۋاتقان چەكلەش مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، داۋاملاشما قۇرۇلۇش ۋە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىپ بېجىرىش» «كەم ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ قوبۇل قىلىپ بېجىرىش» «يانداش ئۇلاپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» «يېشىل يول» «ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى»نى پائال يولغا قويۇپ، بىناكارلىق، قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ۋاقتىنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تۈرلەرگە ئادەم ئىشلىتىش كاپالىتى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ساغلاملىق كودى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆمۈريول نۆۋەتچى پويىزلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان خادىملارنى تېزدىن ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دىققەتنى ئاممىۋى سەھىيە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى، خەۋەرلىشىش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ يول ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، تۈر زاپىسىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، زاپاس تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ، مۇددەتكە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، پەيدىنپەي ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇزاققىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى