تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

توقسۇ: يېڭى ھايات نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تېخىمۇ داغدام قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسى ئاققۇم كەنتىدىن رىشىت ياسىن قوتاننى تازىلاپ، كالىلارنىڭ سۈيى ۋە يەملىرىنى قايتىدىن يەڭگۈشلەپ، «مېھمان»لارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  ئۇزۇن ئۆتمەي،«مېھمان»لار كېلىشكەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى، تامتوغراق يېزىلىق چارۋىچىلىق پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تەكشۈرۈش قوراللىرىنى ئېلىپ رىشىتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پىكىرلەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى سىممېنتال ئىنەكنىڭ بوغاز ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈردى. كۆز، ئېغىز بوشلۇقى، كالا تىلى، تۈز ئۈچەي... تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى يەكۈنلەپ، ئاخىرىدا رىشىتنىڭ ئۆيىدىكى ئىنەكنىڭ بوغاز بولغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  رىشىت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىنەكنىڭ بوغازلىق تەكشۈرۈشىنى قىلغاندا، ئىنەكنىڭ بوغاز ئەمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدىم، ھازىر ئاخىرى خاتىرجەم بولدۇم!» رىشىت ئاققۇم كەنتىدىكى نامرات ئاھالە، 2018-يىلى ئۇ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى. 2019-يىلى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئىنەك بىرنى موزايلاپ، 6000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۇ ئىنەكنىڭ ئىككىنچى قېتىم بوغاز بولۇشى بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار رىشىتقا ئىنەكنىڭ تۇغۇش ۋاقتىنى ھېسابلاپ بەردى، بۇ يىل رىشىت يەنە 7000-5000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىغان بولدى. (ماقالىنى توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئىختىيارىي مۇخبىر خەن چىڭخاۋ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى