تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىش باشلاش (ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) نىسبىتى %73.6كە يەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن خۇڭفاڭ خەۋىرى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى، يەنە بىر قولدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئالغا سىلجىتتى. مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 148 نۇقتىلىق تۈرنىڭ 109ىدا ئىش باشلانغان (ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن) بولۇپ، ئىش باشلاش (ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) نىسبىتى %73.6كە يەتكەن.

  بۇ يىل، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن تەسىرگە قارىتا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش (ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش)نى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېزلىتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگۈدەك بولسىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باشلىغۇدەك بولسىلا تولۇق باشلاپ، «نۇقتا، سىزىق، دائىرە» بويىچە ئىقتىسادىي خىزمەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر ئىش ئورنىنىڭ 1-سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، مەسىلىنى نەق مەيداندا ھەل قىلىپ، پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە زور مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تۆھپە يارىتىپ، تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق قۇرۇلۇش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ئاساس قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى