تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئۇ بۇ دوستلۇقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرماقچى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ ئاخىرى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدىكى توققۇز دېھقان تيەن يۇڭپىڭ ھۆددىگە ئالغان كېۋەزلىككە كېلىپ يەنە بىر قېتىم ئىشلىدى. «ئۇلار ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەيدۇ، بۇنىڭغا ئون يىلدىن ئاشتى.» 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاياغ چودا كەنتىدىكى دېھقانلار بىلەن بولغان دوستلۇقىنى تىلغا ئالغاندا، 55 ياشلىق تيەن يۇڭپىڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

  تيەن يۇڭپىڭ بىڭتۇەن 1-شى ئارال شەھىرى 7-تۇەن 14-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ 2006-يىلى ليەندىكى نەچچە يۈز مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن پاختا تەرگۈچىگە ئېھتىياجلىق بولاتتى. بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە تيەن يۇڭپىڭ ئاياغ چودا كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۇلايمان مەخمۇت بىلەن تونۇشۇپ قالدى، سۇلايماننىڭ باشچىلىقىدا شۇ يىلى بۇ كەنتتىكى 50 نەچچە دېھقان تيەن يۇڭپىڭنىڭ يېنىغا پاختا تەرگىلى باردى.

  تيەن يۇڭپىڭ ئەر-خوتۇن بۇ ئىشلەمچىلەرگە ئىنتايىن غەمخورلۇق قىلدى: ئاغرىپ قالغانلارغا دورا سېتىۋېلىپ كېسەل كۆرسىتىشىگە ياردەملەشتى؛ كىمنىڭ ئۆيىگە جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالسا، تيەن يۇڭپىڭ ئىككىلەنمەيلا ئۇلارغا بېرىپ تۇردى ...

  شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى كۈزدە ئاياغ چودا كەنتىدىكى دېھقانلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، تيەن يۇڭپىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىشلىدى. كېيىن بەزى پاختا تەرگۈچىلەر ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇ يەردە قېلىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگىنىدە، تيەن يۇڭپىڭ ئۆزىنىڭ كېۋەزلىكىنى ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى.

  «دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا ئىشلەيدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە ئۇلارنى ئەتراپقا بېرىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپرەك پۇل تېپىشىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشتىم. گەرچە بۇنىڭغا كۆپرەك باش قاتۇرۇشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ياخشىلانسا، ئۇلار خۇشال بولسا، مەنمۇ خۇشال بولىمەن.» دېدى تيەن يۇڭپىڭ.

  تيەن يۇڭپىڭ ئەر-خوتۇننىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكى ئاياغ چودا كەنتىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، شۇ كەنتتىكى تۇغما گاس-گاچا ئەخمەت ئابدۇكېرىمدىمۇ تيەن يۇڭپىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىشلەش ئويى شەكىللەنگەنىدى. 2010-يىلى ئەخمەت شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە كېۋەز تەرگىلى باردى.

  تيەن يۇڭپىڭ ئەر-خوتۇن ئۇنىڭغا كېۋەز تېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، ئۇ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە سەۋرچان ئىدى. ئەخمەت ئەقىللىق، تىرىشچان بولۇپ، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى تېزلا ئۆگىنىۋالدى، بىر يىلدا 30-40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىللاردا ئەخمەت تيەن يۇڭپىڭ ئەر-خوتۇنغا ئەگىشىشنى قارار قىلىپ، ھەر يىلى كېۋەز تەرگىلى بارىدىغان بولدى.

  ئەخمەتنىڭ ئايالى ئايشەم مەمەت مۇنداق دېدى: تيەن يۇڭپىڭ ئەر-خوتۇن ئەخمەتكە بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكىلاردەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بىر قېتىم ئەخمەت قىزىپ قېلىپ ئۇدا نەچچە كۈن تاماق يېيەلمىدى، تيەن يۇڭپىڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇنى تۇەن دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى، ئەر-خوتۇن يەنە دوختۇرخانىدا نەچچە كۈن ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىز ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمىز.

  2019-يىلى 12-ئايدا، تيەن يۇڭپىڭ ئەر-خوتۇن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ ئىشلەمچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان ئەخمەتنى ئاپتوموبىللىق كەنتكىچە ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز يېنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى يوقلىدى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.

  تيەن يۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئائىلىدىكىلەر گۆش، پولۇ، كاۋاپ قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، بىزنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. كۆپچىلىك بىللە تاماق يەپ، پاراڭلىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى جاڭ گولىڭنىڭ ياردىمىدە، بىز شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تۇغقان بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، بۇ دوستلۇقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى