تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۇرچىن ناھىيەسى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى يورۇتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جەزىرە خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ھەل قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن كېيىنكى داۋاملىق يۆلەش» قاتارلىقلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «ئون ئەمەلىي ئىش»نى بېكىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد سۇ، ئوت-چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقان-چارۋىچىلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يېڭى دەۋر قەدىمىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇشىغا، ھەر كۈنى كىرىمى بولۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  بۇرچىن ناھىيەسى ئېگىز تۆبە يېزىسى قىزىلتوغاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جانار زەينال قىزىلتوغاي ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە ئۆزى چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلىك كەسپىگە قاتناشقاندىن كېيىنكى قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدە بۆسۈش ھاسىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «گۈزەل ھويلا-ئاران» قۇرۇلۇشىدا كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ھويلىلارنى پىلانلاپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات تېرىش، توخۇ بېقىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەتتى، تېرىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى ئىستېمال قىلدى، بىر قىسمىنى چارۋىچىلار ئارامگاھىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلەتتى، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇرمۇشىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.

  ئېگىز تۆبە يېزىسى قىزىلتوغاي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قورمانبېك توخدارقوجا ئىلگىرى توپا-ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇراتتى، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. بۇ يىل، قورمانبېك توخدارقوجا ئۆزى مەبلەغ توپلاپ، ئۆيىدىكى كالىنى نەسىللىك كالىغا ئالماشتۇردى، ھازىرقى ياخشى كۈنلىرى تىلغا ئېلىنسا، قورمانبېك توخدارقوجا ھەمىشە بەخت تۇيغۇسىغا تولىدۇ.

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇرۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاخىرقى يىلى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى يورۇتۇش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە)لەر نامرات ئاممىنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۇلارنى ساياھەتچىلىك كەسپى، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى