تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىلجان خەۋىرى): «كاۋاپ، پولو، راڭپىزا...كۆپچىلىك كېلىپ تېتىپ بېقىڭلار!» توختىماي ياڭرىغان ئاۋاز بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى ئىختىيارسىز توختاپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى.
يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجوۋ شەھىرى يۆشيۇ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىسى يۇقارقى كاپا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىرلىكتە ياردەم بېرىپ قۇرغان خەلققە قولايلىق كىچىك بازاردا رەسمىي تىجارەت باشلاندى. خەلققە قولايلىق كىچىك بازارنىڭ قۇرۇلۇشى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى ۋە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى جانلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
كەنت ئاھالىلىرى كىچىك بازاردا مەززىلىك يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سايباغ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل ئۇسۇل بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن چارە ۋە چىقىش يولى تېپىپ، ئەڭ چوڭ سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى. خەلققە قولايلىق كىچىك بازار بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر.
بازار ئېچىلغان كۈنى، كاۋاپخانىدىكى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇرېھىم بالدۇرلا دۇكانغا كېلىپ يېمەكلىك تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۇنجى تىجارەت باشلىغان كۈنۈم، سودام قىزىپ كەتتى! پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، خەلققە قولايلىق كىچىك بازارنىڭ تىجارەت باشلىشى مېنىڭ كىرىمىمنى ئاشۇردى، مەن چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۇرمۇشۇمنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن!»