تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدىكى كۆكتاتلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ «كۆك - تاق»ىنى بېيىتتى

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلدى

دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدىكى كۆكتاتلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ «كۆك - تاق»ىنى بېيىتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىن كەلگۈسىدە، تاماق ئۈستىلىڭىزدىكى يېڭى، تەملىك كۆكتاتلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئارانىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشنى قوزغىتىپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپى سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن.

«ھويلىدىكى ئالتە پۇڭ يەرگە كۆكتات تېرىدۇق، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن سىرت، ئېشىپ قالغانلىرىنى يەنە 1500 يۈەنگە ساتتۇق.» مەكىت ناھىيەسىنىڭ قىزىلئاۋات يېزىسى باغھويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇۋەلى داۋۇتنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر ئۇ ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئارانىدىكى بوش يەرگە كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ، بەسەي، مايلىق بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ، ئويلىمىغان يەردىن يەنە ئازراق پۇل تاپقان. بۇ يىل ئۇ كۆكتات تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى داۋاملىق بېرىلىپ ئۆگىنىپ، كىرىمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بازار ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنى دائىملىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش رايونى، خاس كۆكتات ئەۋزەللىكى رايونى ۋە قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەيدىكەن. مۇشۇ ئاساستا، ئەسلىھەلىك كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمى، ئۆستۈرۈلىدىغان سورت، ئېڭىز ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بازارغا سېلىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم، تەرەققىياتى مۇۋاپىق بولغان ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، ئەگمە پارنىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىدىكەن. تۈجۈپىلەشكەن مايسا يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چوڭ ئېتىز، ئەگمە پارنىكتا «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرۈش، كۈزدە كېچىكتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ ھەم ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ تولۇق قاپلىشى ۋە كەنت دەرىجىلىك كۆكتات مايسىلىرىنى ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەربىر ھويلا - ئاراندىن يىلىغا 1000 يۈەن كىرىم كۆپەيتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھويلا - ئاران كۆكتاتلىرى قاتارلىق كۆپ خىل، ئاز تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ «كۆك - تاق»ىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلار ھويلا - ئاران كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئالتە ناھىيە دەرىجىلىك مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىنى نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشتۈرۈپ، «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرۈش، كۈزدە كېچىكتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش» ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئەگمە پارنىكتىن 3940نى ياساپ، كۈن نۇرى پارنىكىدىن 760نى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى