تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن خۇڭفاڭ خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، «يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئاقسۇ-ئارال تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي باھاسىنى ھۆددىگە ئېلىپ خېرىدار چاقىرىش ئېلانى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، بۇ تۈردە پات ئارىدا رەسمىي ئىش باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. خېرىدار چاقىرىش مۇددىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ تۈردە 2020-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2021-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلاش پىلانلاندى.
بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئارال شەھىرى بىلەن تۆمۈريول تۇتاشماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، لىنىيە بويىدىكى ناھىيە (شەھەر) ۋە سانائەت رايونى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتناش-تىرانسپورتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش-تىرانسپورت مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدا، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان سودا، ئەشيا ئوبوروتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.