تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2020-يىلى شىنجاڭدا ماشىنا بىلەن پاختا تېرىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاۋ مىن، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ شياۋجۇ، جياڭ چاۋ فوتوسى،خەۋىرى): ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئېتىزىدا، ئاپتوماتىك يول باشلاشنىڭ ياردىمىدە ھەيدەش ۋە مەشغۇلات قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئىككى چوڭ ئات كۈچى تىراكتورى كېۋەز تېرىۋاتاتتى. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئەتىيازدىكى كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، ھەرخىل چوڭ تىپتكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەشغۇلاتى جەريانىدا كارامىتىنى كۆرسەتتى.

  4-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى شىنجاڭ پاختىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كېۋەز تېرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ماشىنا بىلەن پاختا تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ماشىنا بىلەن پاختا تېرىش كۆلىمىنى يېڭىدىن بىر مىليون مودىن كۆپرەك ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

  تىراكتورغا بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، شوپۇرلار ئۇرۇق سېلىش تەلىپى بويىچە، ماشىنا-سايمانلارنىڭ ئېغىش قىممىتى، مەشغۇلات دائىرە كەڭلىكىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرسىلا، تىراكتور يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پىلان بويىچە ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ، يىراققا نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا، قاتار-قاتار سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ يەرگە رەتلىك يېپىلغانلىقىنى كۆرىسىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېۋەزنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن، 2020-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تۈجۈپىلەپ تېرىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، يېڭى تىپتىكى سېيالكىدا كېۋەز تېرىلىپ، ھەر مو پاختىدىن 300 نەچچە يۈەن تېجەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى پېي شىنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2020-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدا ماشىنا بىلەن تۈجۈبىلەپ پاختا تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ، ماشىنا بىلەن يىغىلىدىغان پاختا كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىدە كېڭەيتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماشىنىلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ پاختا ئېتىزلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلدى، 2019-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماشىنا بىلەن پاختا تېرىش كۆلىمى تۇنجى قېتىم 11 مىليون 500 مىڭ مودىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى