تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بالىلىقتا قەلبى جاراھەتلەنسە، كەلگۈسىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن

«ئامېرىكا تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»نىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلىق مەزگىلىدىكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراش، كەمسىتىلىش قاتارلىق ناچار كەچۈرمىشلەر كېيىن يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى ياكى خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى روبېرت ئەندا دوكتور ۋە ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سىيزېر داۋالاش گۇرۇھى ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ۋېنسېنت فېلىد دوكتور بالىلىق دەۋرىدىكى ناچار كەچۈرمىشلەرگە تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بەردى: 18 ياشتىن بۇرۇن جىسمانىي جەھەتتىن خورلىنىش، ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىنىش، ھېسسىيات جەھەتتىن سەل قارىلىش، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىش، ئاتا-ئانىسى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچرىغانلار بالىلىق دەۋرىدە ناچار كەچۈرمىشلەرگە ئۇچرىغان دەپ قارىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئازابلىق كەچۈرمىشىنى باھالىغان (ئومۇمىي نومۇرى 10 نومۇر بولغان)، سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرىدىكى ھەربىر خىل ئەھۋالنىڭ يۈزبېرىشى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ يۈزبېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ كېسەللىكلەر دىيابېت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى، زىققا كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى ۋە باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئومۇمىي نومۇرى تۆت نومۇردىن ئېشىپ كەتكەندە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 1.6 ھەسسە، راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ھەسسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆت ھەسسە ئاشىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى