تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەبلەغ سېلىش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. كۈچلۈك تۈر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، كۆز ئالدىمىزدىكى كىرىزىس، كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق ئىچىدىن پۇرسەتنى تۇتۇشقا ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم، زور زاپاس تەييارلاش تۈرلىرىدە ئىش باشلاش شەرتىنى تېزدىن قاندۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇر باشلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئاساس سېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەر خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۈرلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يېشىل يولىنى ئېچىپ، پىلاننى تەستىقلاشقا يوللاش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، مۇھىت سىغىمچانلىقى، بىخەتەرلىكنى باھالاش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى تېزدىن بېجىرىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاشنى تېزلىتىش، قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈر تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى كەسىپ - ساھەلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىش باشلاش شەرتىنى ھازىرلىغان تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى رەتلەپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت تىزىملىكىنى تۈزۈپ، نىشاننى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇش يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش، تىزىملىك بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، بالدۇر تۈر تۇرغۇزۇش، بالدۇر ئىش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاش بىلەن بىللە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ زورايتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەبلەغ مەنبەسى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەل ئىچى مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە كەسپىي يېتەكچىلىكنى ياخشى تۇتۇپ، كادىرلارنىڭ تۈرلەرنى پىلانلاش، تۈرلەرگە سودىگەر چاقىرىش، تۈرلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي تۇتۇش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ۋە شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى