تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى زور تۈركۈم كۈل رەڭ تۇرنىسىنى كۈتۈۋالدى، كۈل رەڭ تۇرنىلار دالىلاردىن ئوزۇقلۇق تېپىپ ، كەنت ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان باھار مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى پەسىل قۇشلىرى كەڭ كۆلەمدە توپلىشىپ قىشلايدىغان يەرلەر، كۆپىيىش ئورۇنلىرى، كۆچۈش يوللىرىغا قوغداش قاراۋۇلخانىسى، چارلاش لىنىيەلىرىنى تەسىس قىلىپ، دالىدا چارلاپ مۇھاپىزەت قىلىش سالمىقى ۋە تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇردى، شۇ جايدىكى قۇشلارنىڭ تۈرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى