شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ يى خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى، شىنجاڭ ئاشلىق كەسپى ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بۆسۈش قىلىپ، ئاشلىق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، كۆپ خىل ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشلىق رايونىدا داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئۆلچەم تۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «شىنجاڭ ئۇنى»، «شىنجاڭ يېغى» قاتارلىق ئاشلىق رايونى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇن بازىرىنى نىشانلاپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىكەن ۋە تونۇشتۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز نانچىلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى كەسىپلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ئۇن ئۆلچىمىنى بېكىتىش، يېڭى پېتى ساقلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتى گەۋدىلىك نان بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىستىراھەت يېمەكلىكى ۋە ساياھەت تاۋارلىرى بەرپا قىلىدىكەن.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ئۈچىنچى يىل، جايلار مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن كېيىنكى 84 مۇلازىمەت مەركىزى، 51 ئاشلىق-ياغ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تۈرى، 11 «جۇڭگودىكى ياخشى ئاشلىق-ياغ» ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى ۋە 23 ئۈلگىلىك كارخانا قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەتلىك ئاشلىق-ياغ بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.