تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش

شىمالغا قاراپ ماڭغان پويىزدا، بۇزەينەپ ئابلەھەت دېرىزىدىن يىراققا نەزەر تاشلىماقتا. (3-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

  2020-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قانات يايدۇرۇپ، «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىمىغان» 10 ناھىيەدىكى 42 مىڭ 100 ئائىلە، 165 مىڭ 800 ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ بۇ يىل 3-ئايدا شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەردىن 50 مىڭ ئىش ئورنى تەڭشەپ، مەخسۇس قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى «شىمالغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش»قا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بۇزەينەپ ئابلەھەت شىمالغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى. ئۇ ئېغىر نامرات رايون ـــ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆيىدە ئالتە جان، ئىككى مو يەر بار، دادىسى بىلەن بىر سىڭلىسىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار. ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. يېقىندا، شۇ جاي ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى، بۇزەينەپ كەسكىنلىك بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىپ پويىزغا چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن قىزلارنىڭ چوڭى، ھازىر سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتى بار، مەن بۇ پۇرسەتنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن، بۇ پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان ياخشى پۇرسىتى.» پويىز قاراقاش ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ، تىيانشاننى كېسىپ ئۆتتى، بۇزەينەپ يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شىمالغا قاراپ 34 سائەتكە يېقىن ۋاقىتتا 2720 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى.

  بۇزەينەپ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، يەنە تېخى پۇل يىغقۇچى بولۇپ باققان بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى ئۇنى شۇ جايدىكى بىر ساياھەت كارخانىسىغا تونۇشتۇردى. بۇزەينەپ ھازىر يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بولدى، ناھايىتى تېزلا يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئىشقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.

  سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بۇزەينەپ ئابلەھەت(ئوڭدا) ئاپىسى بىلەن بىللە قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە كىيىم–كېچەكلىرىنى يىغۇشتۇرماقتا. (3–ئاينىڭ 26–كۈنى تارتىلغان)

  بۇزەينەپ ئابلەھەت قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە سىڭلىسى بىلەن ئوينىماقتا.(3–ئاينىڭ 26–كۈنى تارتىلغان)

  سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بۇزەينەپ ئابلەھەت(ئوڭدا) قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە ئاپىسىنىڭ پىشانىسىگە سۆيمەكتە.(3-ئاينىڭ 26–كۈنى تارتىلغان)

  سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بۇزەينەپ ئابلەھەت(ئوڭدا) قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئۆيىدە ئاپىسىنى قۇچاقلىماقتا.(3–ئاينىڭ 26–كۈنى تارتىلغان)

  شىمالغا ماڭغان پويىزدا، بۇزەينەپ ئابلەھەت دېرىزىدىن يىراققا نەزەر تاشلىماقتا. (3–ئاينىڭ 27–كۈنى تارتىلغان)

  ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن، بۇزەينەپ ئابلەھەت(ئوڭدىن ئىككىنچى) يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى.(3–ئاينىڭ 28–كۈنى تارتىلغان)


  بۇزەينەپ ئابلەھەت بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى بىر ساياھەت مەنزىرە رايونىدا خادىم قوبۇل قىلغۇچىلارغا سەنئەت ماھارىتى كۆرسەتمەكتە. (3–ئاينىڭ 29–كۈنى تارتىلغان)

 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى