4-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېفېي لۇياڭ ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان ئەنخۇي مونىكې تېببىي ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، خېفېي لۇياڭ ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كۈچ قوشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان ( جوۋ مۇ فوتوسى)
4-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېفېي لۇياڭ ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان خېفېي گېلەندى ساقلىقنى ساقلاش ماتېرىياللىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا.