تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا ئۇنىۋېرسال سىناق قىلىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش، سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا ئۇنىۋېرسال سىناق قىلىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش، سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەندە، مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، نامراتلىقتىن يۇقىرى سۈپەتلىك قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئۇللۇق خىزمەت، شۇنداقلا بىر قېتىملىق «چوڭ سىناق». «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلمىي، توغرا، ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىگىلەپ، «ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىش، جايلار دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق قاتنىشىش» پىرىنسىپى بويىچە، ناھىيە ھالقىپ باشقا جايدا ئالمىشىپ ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ قاتلام بويىچە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىدا ئۇنىۋېرسال سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن تەرتىپ بويىچە ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى رەسمىي قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلاش، تولۇق تەييارلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك. خادىملارنى تاللاش - تەڭشەش، تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى قوشۇنىغا ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىنىڭ پۇختا، نەتىجىسىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۇقىرى - تۆۋەن بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەكلىنى ئۆزگەرتمەسلىك، قىيىپ كەتمەسلىك، كېمەيتىۋەتمەسلىك كېرەك. سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇندىكى تەلەپ قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات سۈپىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى كونترول قىلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىنتىزامىدا قاتتىق بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىستاتىستىكا قانۇن ئىجراسىدا قاتتىق بولۇپ، قاتتىق بولغان سۈپەت تىزگىنلەش چارىسى ۋە نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، مۇكەممەل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پەيتنى قولدىن بەرمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىدە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نىشان - ئۆلچەمنى چىڭ كۆزلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قاتتىق، پۇختا تۈزىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇختا قەدەمدە نۇقتىدا سىناق قىلىپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەڭ ئەمەلىي ئىستىل، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. تاللاپ تەڭشەلگەن 1 - تۈركۈمدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچىلەر، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يېتەكچىلىرى، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خادىملىرى شۆبە يىغىن مەيدانىدا تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.