تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 20 ماددىلىق تەدبىر چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بىر قاتار تەدبىر چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى %4.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇشقا، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇشقا، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان كىشى بېشى كىرىمىنى %7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەدبىر جەمئىي 20 ماددا بولۇپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇش، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىدە ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇشنى چۆرىدەپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مو كۈزگى بۇغدايغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى 180 يۈەندىن 220 يۈەنگە ئۆستۈرۈش، ھەر مو سىلوس كۆممىقونىقىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى 100 يۈەندىن 120 يۈەنگە ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «سۈپەتلىك پاختا» تۈرلۈك تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ماشىنىدا كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ، بۇ يىل ماشىنىدا پاختا يىغىش كۆلىمى يېڭىدىن 1 مىليون مو كۆپەيتىلىدۇ. باغ - ئورمانچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باغ - ئورماننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ياخشى تۇتۇلۇپ، 110 مىڭ مو خاس باغ - ئورمان يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن چارۋا - قۇش باقمىچىلىق كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ، بۇ يىل يېڭىدىن 1 مىليون تۇياق گۆش قويى، 50 مىڭ تۇياق گۆش كالىسى، 20 مىڭ تۇياق سۈت كالىسى كۆپەيتىلىدۇ. خاس يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆكتات بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قېزىلىپ، ھەربىر ھويلا - ئاراندىن يىلىغا 1000 يۈەن كىرىم كۆپەيتىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش جەھەتتە، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەش، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئەتىياز پەسىللىك قۇرۇلۇشنى قەرەلىدە قىلالمىغانلىرىدا، تۈر رايونىنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىقلار ئارقىلىق كېچىككەن قۇرۇلۇش مۇددىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش - سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، زىرائەت ۋە باغ - ئورمانلاردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھاشارات زىيىنىنى تۈگىتىپ مول ھوسۇل ئېلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش نىسبىتىنى %5 ئىچىدە تىزگىنلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى %85تىن ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايون يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى باغ - ئورمان مەركەزلەشكەن رايونلىرىدا بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مالىيە خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا داۋاملىق مايىللاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى كىرېدىت مەبلىغى ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇقى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 12 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلىپ، تۈرلەردە مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە پائال تۈرتكە بولۇنۇپ، ئۈنۈم ئىمكانقەدەر بالدۇر يارىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى